Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىرامان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆزىنى ئوينىتىپ، ناز بىلەن چىرايلىق ماڭماق:
بىمالال، خاتىرجەملىك بىلەن:
1. باغى كىسرەتدە نىھانى ۋەھدەتى كۆردى كۆڭۈل،
جىلۋە نەخلىستانىدا نەخلى خىرامانىن كۆرۈپ.
ئەرشى.
2. خىرامان چىقىپ تەختكە پادىشاھ،
كۆرۈنۈش بېرىپ، ئاچتۇرۇپ بارگاھ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلاپ، ناز بىلەن ماڭغۇچى؛ سەۋرى خىرامان - گۈزەل يۈرۈشلۈك يار. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: بوي چكتىڭو ئافاق ئىچىدە قوتبى قىيامەت، ھەي - ھەي، نە بالا سەرۋى خىرامان يېتىلىپسەن. (لۇتفى)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ئالدىرمايدىغان، تەمكىن.
چۈشۈڭمۇ بۇزۇلغاندۇر، يۈرىكىڭمۇ تۇيغاندۇر، مەقسسىتىڭ نېمە زادى؟ باقمايسەن خىرامان قىز.
رەۋ. غەم - ئەندىشە قىلماي، غەمسىز، بىغەم.
ئۇ ھەرخىل كىيىم - كېچەكلەرنى راسلىۋالغانىدى. گاھىدا ساقچى. گاھىدا يېزا قىزلىرى سىياقىدا ياسىنىپ، خىرامان يۈرەتتى.