Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىراجەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
لازىم قىلىدىغان پۇل، مەبلەغ، چىقىم:
ئۆزۈم ئىزدەمەككە ئىجازەت بېرىڭ،
كى يول جابدۇقىغە خىراجەت بېرىڭ.
ئا. نىزارى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەرخىل ئىشقا سەرپ قىلىنغان مەبلەغ.
دارامەت، كىرىم
ھەرخىل يول بىلەن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ
دارامىتىڭگە قاراپ خىراجەت قىل. يوليورۇق توغرا بولسا، چىقىم كىرىمگە ئايلىنار. چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا. كىرىم بىلەن چىقىم - قېرىنداش تۇغقان، كىرىمىڭنى چىقىمىڭ بىلەن ئۆلچە. دۇنيادا ئېلان كىرىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ھەر يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 500 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە سەرپ قىلىنىدىغان پۇل.
مائارىپ خىراجىتى يېتىشمەيۋاتىدۇيۇ، مېھمانخانا سېلىشقا ئېشىپ _ تېشىپ ياتىدۇ. ئىش راسخورتىنى تېجەش _ دۆلەتنىڭ چاقىرىقى. چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئېچىش مالىيىنىڭ ياخشىلىنىشىدا رول ئوينىدى. سەرپىياتنى ئازايتىش ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ئۈچۈن قىلىنىدىغان سەرپ؛ چىقىم.
خىراجەت قىلماق.