Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىرام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كېزىش، ئايلىنىش، قايتىش:
ناز - كەرەشمە بىلەن يۈرۈش، چىرايلىق يۈرۈش:
ھەرىكەت، ئۇرۇنۇش، ئولتۇرماسلىق:
1. بولۇپ مەئرىكەنىڭ ئىشى ھەم تەمام،
دېدىكىم: پەرىلەر قىلۇرمىز خىرام.
ئا. نىزارى.
2. دۇئا قىلدى ئول پىرى ئالى مەقام،
تىرىلدىيۇ باغ سارى قىلدى خىرام.
ئا. نىزارى.
3. كى مۇرادى ئانىڭ خىرام بولۇپ،
كۈيى مەقسۇد سارى گام بولۇپ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چىرايلىق مېڭىش: خىرام ئەتمەك - ماڭماق،، يۈرمەك، جۆنىمەك، كەتمەك.