Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىراج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېلىق، تۆلەم، ئۇرۇش چىقىمى:
ئىشلىتىلىدىغان نەرسە، مەبلەغ، پۇل:
1. ئەمەس سۇلتان جەھان مۇلكىن ئالىپ، ئەلدىن خىراج ئالغان.
جەھان سۇلتانى ناقىس ھالى سورغان ئەھلى ھىممەت بىل.
ناقىس.
2. كى بىچارەدۇرمەن ماڭا يوق ئىلاج.
چۇ لازىم بولۇپدۇر ئاتامغا خىراج.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېلىق، تۆلەم؛ يەر ە باشقا نەرسىلەردىن چىققان نەرسە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بېقىندى _ مۇستەملىكە ئەللەر مىتروپولىيىگە ۋاقتى _ قاراردا تاپشۇرۇپ تۇرىدىغان سېلىق.
قارام ئەل خىراج تۆلەيدۇ. بېقىندى دۆلەت ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە Kharaj نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەرەب ئىمپېرىيىسىنڭ يەر بېجى. ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باج مەنبەسى. دەسلەپ ئىستېلا قىلىنغان رايونلاردىكى غەيرىي مۇسۇلمانلار ۋە غەيرىي ئەرەبلەر تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلاردىنلا باج ئېلىنغان. ئۇمەييە سۇلالىسى ۋاقتىغا كەلگەندە ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيگەنلىكتىن باج مەنبەسى شىددەت بىەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەرەبتىن بولغا مۇسۇلمانلار بىلەن بەيئەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىدىن باج ئېلىشنى بەلگىلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارس. كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلار ۋە دىنىي تەبىقىدىكىلەرنىڭ دېھقانلاردىن ئالغان يەر بېجى، سېلىق.
خىراجەت.
مېنىڭ بۇ سەپىرىمدىن مەقسەت، مەخسۇس ساۋساۋغا خىراج ئاپىرىپ بېرىش ئىدى.