Uyghurئاساسىي لۇغەت
خورلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەدىر _ قىممىتىنى چۈشۈرمەك، كەمسىتمەك
خارلىغانغا خار بولما. كىشىنى خورلىغان ئۆزى خورلۇق تارتىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئانىي تېپىپ، كۆزگە ئىلماي خارلىماق، ئەزمەك.
ئىززەتلىمەك، ھۆرمەتلىمەك، باشتا كۆتۈرمەك، ئالقىنىدا كۆتۈرمەك
ئىززەتلىك - ھۆرمەتلىك ھېسابلاپ قەدىرلىمەك.
ئىززەتلىگەنگە تەزىم قىل. ھۆرمەتلىگەننى ھۆرمەتلە. كىشىنى خورلىغان ئاخىر ئۆزى خورلۇق تارتىدۇ. خورلىغانغا خار بولما. مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمىز. خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى باشتا كۆتۈرسەك ئەرزىيدۇ. بىز ئۇنى ئالقىنىمىزدا كۆتۈرىمىز، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلار جازالىنىشى كېرەك. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى دەپسەندە قىلغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىراۋنىڭ ئىززەت - نەپسىنى ئاياغ ئاستى قىلماق، كەمسىتمەك، خارلىماق.
ئەپسۇس، ئۇ زالىملار ھازىر بىر پارچە نانغا زار بولۇۋاتقان ئەنە شۇ خەلقنى خورلىماقتا.