Uyghurئاساسىي لۇغەت
خورۋات
دۇنيا تارىخى
ۋېنگرىيىلىك تارىخشۇناس، كاتولىك مىسسىئونېرى، ياش ۋاقتىدا تۆۋەن دەرىجىلىك مىسسىئونېر بولغان ھەمدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1844 - 1848 - يىللىرى ۋېنا داشۆسىدە ۋېنگرىيە تىلى ۋە ئەدەبىياتى پروفېسسورى بولغان، 1848 - يىلى ۋېنگىرىيە ئىنقىلابىغا پائال قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى كوسۇت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىدە دىنىي ئىشلار ۋە مائارىپ مىنىستىرى بولغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ بېرىپ، ۋېنگرىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <ۋېنگرىيىنىڭ 300 يىلغا يېقىن سودا - سانائەت تەرەققىيات تارىخى>، <ۋېنگرىيە تارىخى>، <ۋېنگرىيەنىڭ 25 يىللىق تارىخى (1823 - 1848)>، <ۋېنگرىيىنىڭ 1848 - 1849 - يىللاردىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇش تارىخى> قاتارلىقلار بار.