Uyghurئاساسىي لۇغەت
خورەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كىبىر
خورىكى چوڭ.* خورىكى ئۈستۈن.* خورىكى ئېگىز .* خورىكى ئۆسمەك.* خورىكى يوغىنىماق.* خورىكىنى ئېلىپ قويماق.* دىلى نازۇك، خورىكى ئۈستۈن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئادەم ئۇخلاۋېتىپ دەم ئالغاندا خورۇلداپ چىقىرىدىغان تاۋۇش.
خورەكچى، خورەك تارتماق.* ئۇ بۈگۈن ئاخشام خورەك تارتتى.* مەن كېچە خورەكنىڭ دەستىدىن ئوخلىيالمىدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكەببۇرلۇققا دائىر.
خورىكى چوڭ. خورىكى ئېگىز. خورىكى ئۆسمەك. خورىكىنى ئېلىپ قويماق. خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك. دىمىغى ئۆسۈپ قاپتۇ. دىمىغى ئېگىز تاشقا پۇتلىشار. دىمىغى ئۈستۈن ئازگالدا ئۆلەر. كىبرىسى بار. كىبىر قىلغان كېيىن قالار. جازىسى بار. جازىسى ئۈستۈن. ئۇ جازىسى ئۈستۈن نېمە ئىكەن. سەندە بار جازا، ئۇنىڭدىمۇ بار. ئاۋۇ خوتۇننىڭ ھالىنى ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. ھالى چوڭ ھەممىدىن ئايرىلار. ھالى بارنىڭ نازى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ئۇيقۇلۇق يېتىپ نەپەس ئالغاندا، خورۇلداپ چىقىدىغان تاۋۇش.
ئەپەندىم خورەك دەستىدىن زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ - دە، يېنىدا ياتقان ئاغىنىسىنىڭ بېشىنى تاتىلاشقا باشلاپتۇ.