Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوردىلىق ھايۋانلار
بىئولوگىيە
ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تىپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، لېكىن ھەممىسىدە تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. خوردا؛ خوردىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە جايلاشقان، تاياقسىمان ئۇزۇن ئوقلۇق تۈزۈلۈش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىچىدە ۋاكۇئولاسى كۆپ بولغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان. سىرتىنى 1 - 2 قەۋەتلىك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما غىلىپى - خوردا غىلىپى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇ بەدەننى تىرەپ تۇرۇش رولىغا ئىگە. تۆۋەن دەرىجىلىك خوردىلىق ھايۋانلار ئۆمۈر بويى خوردىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلىرىنىڭ پەقەت تۆرەلمە مەزگىلىدە ياكى يۇمران تەنىسىدىلا خوردا بولىدۇ، يېتىلگەن تەنىدە بولسا، ئۇنىڭ ئورنىنى بوغۇملانغان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئالىدۇ. دۈمبە نېرۋا نەيچىسى؛ خوردىلىق ھايۋانلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مەركىزىي قىسمى نەيچىسىمان بولۇپ، خوردا ياكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە جايلاشقان. يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلىرىنىڭ نېرۋا نەيچىسى مېڭە ۋە يۇلۇندىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا دىففېرېنسىيىلەنگەن. يۇتقۇنچاق ژابرا يېرىقچىسى؛ ھەزىم قىلىش يولىنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تۆشۈكى. ئۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلەردە بولسا، پەقەت تۆرەلمە مەزگىلى ياكى يۇمران تەنىدىلا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ قورساق تەرىپىگە جايلاشقان؛ تىرىك ئىچكى سۆڭىكى بولۇپ، ئورگانىزمغا ئەگىشىپ ئۆسەلەيدۇ؛ مەقەت (ئانۇس) كەينىدىكى قۇيرۇقى بولىدۇ؛ جۈپ پۇتلىرى ھەرگىز ئىككى جۈپتىن ئاشمايدۇ ۋە باشقىلار. ھازىر مەلۇم بولغان خوردىلىق ھايۋانلار 70 نەچچە مىڭ تۈر بولۇپ، ئۈچ كەنجى تىپقا بۆلۈنگەن. قۇيرۇق خوردىلىق كەنجى تىپى (Vrochordatf)؛ خوردا ۋە نېرۋا نەيچىسى پەقەت يۇمران تەنىسىدىلا ساقلانغان، يېتىلگەن تېنى يېپىنچا خالتىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، ئاسسىدىيە (Ascidia). باش خوردىلىقلار كەنجى تىپى (cephalochordata)؛ خوردا ۋە نېرۋا نەيچىسى پۈتۈن تېنىگە ئوزۇنىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆمۈر بويى ساقلىنىدۇ، مەسىلەن، زىخچە بېلىق (Branchiostomabelcheri). ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى (vertebrata)؛ خوردىسى پەقەت تۆرەلمە مەزگىلىدىلا كۆرۈلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئالىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا بەزى كىشىلەر كېمبرىي دەۋرىدىن ترىئاس دەۋرىگىچە بولغان يەر قاتلىمىدىن بىر خىل تاشقا ئايلانغان ھايۋاننى تاپقان، ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن خوردىلىق ھايۋانلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەم يەنە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جايلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان، شۇڭا خوردىلىق ھايۋانلار تىپىغا يەنە بىر كەنجى تىپنى قوشۇشنى تەشەببۇس قىلىپ <چىش خوردىلىقلار كەنجى تىپى> (Conodontoehordata) دەپ ئاتىغان.