Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەراجىلار سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1290 - 1320)دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ 2 - سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. خەراج فىروز شاھ 2 (1290 - يىلىدىن 2961 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان)، قۇتۇپ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ بۇ سۇلالىنى قۇرغانلىقتىن، خەراجىلار سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. دېھلىنى پايتەخت قىلدى. ئەلا ئۇددىن مۇھەممەد (1296 - يىلىدىن 1316 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1296 - يىلى ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەپ، پادىشاھلىقلارغا ھۇجۇم قىلدى، مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ باردى ھەمدە موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈردى. كېيىن مەرۋە، راچبۇتنا ۋە دىككاننى بويسۇندۇرۇپ، مۇسۇلمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىنى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چېتىگىچە كېڭەيتتى. سۇلتان مۇبارەك (1316 - يىلىدىن 1320 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1320 - يىلى ھىندى دىنىدىكى قۇل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. سۇلالە ھالاك بولدى.