Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەراش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يونۇش، تاراشلاش، قىرماق:
يەنە بار ئىدى قارەن سەڭگىتەراش،
قىلۇر ئېردى تاشنى ياغاچدەك خەراش.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يونۇماق، تاراشلاماق؛ تاتىلىماق، تىرنىلاماق؛ قىرماق؛ تاشلىماق. خىرىللىماق، تاۋۇش بوغۇلماق. كۆچمە مەنىسى: ئازاپلىماق، قىينىماق. خەراش ئولماق - تىرنىلانماق، تاراشلانماق؛ خەراش ئەيلىمەك - تىرنىلىماق، تاراشلىماق؛ خەراش ئەيلىمەك - تىرنىلىماق؛ خەراش تاپماق - خىرىللىماق، قىرىلماق؛ خەراشى خامە قىلماق - قەلەم يونىماق، يازغاندا قەلەم تاۋۇشىنى چىقارماق؛ كۆڭۈلگە خەراش سالماق - تەشۋىش سالماق كۆچمە مەنىسى: يازغۇچىلىق.