Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەرج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خىراجەت، چىقىم، سەرپ:
1. كەسبىدىن ئەجر بىرلە پۇل تاپىلۇر،
خەمر بىرلە زىناغە خەرجى قىلۇر.
ئا. نىزارى.
2. ھەقدى رەھمەت خەرقخڭى ئەتسە ھەق ني تاڭ ئولكىم تاپار،
سەن كەبى مەھبۇبى ۋەسلىن ئەلەيگەي ناچار خەرج.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەرب، چىقىم، خىراجەت؛ باج، تارتۇق، سېلىق؛ پۇل، ھەق؛ مىقدار؛ كۆرۈلمەك، ئىپادىلەنمەك: خەرج سەفەر - يول خىراجىتى.