Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېستىمىنىستېر چېركاۋى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى مەشھۇر خرىستىئان دىنى پروتېستانت چېركاۋى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، تەخمىنەن مىلادى 605 - يىلى شەرقىي ساكسونىيە كورۇلى سېبېرت لوندون شەھىرىنىڭ غەربىدە سالدۇرغاچقا غەربىي چېركاۋ <ۋېستمىنىستېر> دېگەن سۆز ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان( دەپ ئاتالغان. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت ياساقسىز قالغان. تەخمىنەن 1065 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد )توۋا قىلغۇچى( ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن رىم ئۇسلۇبىدا چېركاۋ سالدرۇغان. 1245 - يىلى ھېنرى Ⅲ گوتچە شەكىلگە ئۆزگەرتىپ چېركاۋ سالدۇرغان )ئوتتۇرا قەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ(. كېيىن چېركاۋ كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. پۈتكۈل چېركاۋنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 3700 كۋادرات مېتىر، ئېگىزلىكى 31 مېتىر كېلىدۇ. ۋىللىيام )ئىستېلاچى( دىن باشلاپ، تارىختا ئۆتكەن كورۇللار )ئېدۋاردⅤ، ئېدۋارد Ⅵ دىن باشقىلار( مۇشۇ چېركاۋدا تاج كىيگۈزۈلگەن؛ كورۇللارغا )گېئورگىي Ⅱ گىچە(، خانىكە ۋە داڭلىق كىشىلەر ئۆلگەندە ھەممىسىلا مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.