Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېرنېر
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1919). شۋېتسارىيىلىك خىمىك. فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇلۇزى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1890 - يىلى سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور بولغان. فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، 1890 - يىلدىن باشلاپ ئۇزاق مۇددەت سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1890 - 1893 - يىللاردا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، كومپلېكس بىرىكمىلەرنىڭ كوئوردىنات سانى نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان ئىزومېر جىسىملارنى تاپقان. كېيىن يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كومپلېكس بىرىكمىلەر سەككىز يۈزلۈك ماس تۈزۈلمىگە مەنسۇپ بولىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ كۆز قاراش نىئورگانىك خىمىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى بولۇپ قالغان. 1913 - يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <ستېرېئولۇق خىمىيە كۇرسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار