Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېسپا سىيانوس
دۇنيا تارىخى
(7 - 79) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (69 - 79)، فلاۋىئۇس خانلىقىنىڭ (69 - 96) قۇرغۇچىسى. رىئات (رىم شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تىكى بىر باجگىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە پادىشاھ نېرونىڭ ھەربىي قوماندانى بولۇپ، پەلەستىن يەھۇدىيلىرى رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە بۇيرققا بىنائەن باستۇرۇشقا بارغان (76) نېرو ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقتىكى مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ يۆلىشى، سىناتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىمپېراتورلۇققا بەلگىلەنگەن؛ رىمغا قايتقاندا ئېرۇسالىمغا داۋاملىق قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوغلى تىتوسنى قالدۇرغان. ئۇ جايلاردىكى قارشىلىقلارنى تىنچىتىپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. سىناتنى ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدە ھوقۇق بېرىش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللاشقا مەجبۇرلىغان. ئىسپانىيە قاتارلىق مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى سىناتقا قاتناشتۇرغان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم شەھەر بايلىرىغا رىم گراژدانلىق ھوقۇقىنى بەرگەن. مالىيىدىن قىسىلغاندا، باج مەنبەلىرىنى كېڭەيتكەن. دۆلەت تەرىپىدىن يۇنان ۋە لاتىن ستىلىستىكا مەكتىپى ئاچقان. كاپتولىن ئىبادەتخانىسىنى قايتا ياساتقان. رىمدىكى كولوسكۇم گلادىئاتورلار ستادىئونىنى ياساتقان ھەمدە مەمۇرىي ئۆلكىلەردە شەھەر ۋە يوللارنى ياساتقان، تىتۇسنىڭ يەھۇدىيلارنى يەڭگەنلىكىگە ئاتاپ ياستقان زەپەر دەرۋازىسى تېخىچە ساقلانماقتا.