Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ۋېگېتاتىۋلىق تەنچىدىكى مەلۇم قىسىمنىڭ قايتا ئۆسۈپ يېڭى يەككە تەنىنى ھاسىل قىلىپ كۆپىيىش ئۇسۇلى. نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەر تەبىئىي ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيەلەيدۇ. مەسىلەن، تاتلىق ياڭيۇ، پىچەكگۈل قاتارلىقلار تۈگۈنەك يىلتىزى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، كۆپلىگەن دەرەخلەر يىلتىزىدىن بىخ چىقىرىپ كۆپىيىدۇ؛ بامبۇك، نېلۇپەر قاتارلىقلار يىلتىزسىمان غولى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، ياڭيۇ ۋە توپىتامبۇر تۈگىنەك غولىدىن پايدىلىنىپ كۆپىيىدۇ؛ گۈلسامساق، پىياز، نەرگىس قاتارلىقلار تەڭگىچە غولى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ؛ كولكاز ۋە بىجىق شارسىمان غولىدىن كۆپىيىدۇ؛ بۆلجۈرگەن ياتما غولى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، يىلتىز يوپۇرماقلىق پاپوروتنىكلار يوپۇرمىقىدىن كۆپىيىدۇ؛ بېلىقئوتى بىختىن كۆپىيىدۇ سۈنئىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپمۇ ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشكە ياردەملەشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تۈپ ئايرىش، قەلەمچە تىكىش. ياتما قەلەمچە تىكىش، ئۇلاش قاتارلىق تېخنىكلار ئارقىلىق ئۆسۈملۈك تەنچىسى ياكى ئورگانلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئانا تېنىدىن ئايرىۋېلىپ قايتا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېڭى تۈپنى ھاسىل قىلىش. ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ جىنسسىز سىستېمىسىدىكى تېز كۆپەيتىش ئارقىلىق <پروبىركا مايسىسى> ئىشلەپچىقىرىش ۋېگېتاتىۋلىق كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى (ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشىگە قاراڭ).