Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېللىس
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1946) ئەنگلىيىلىك ئەدىب ۋە تارىخشۇناس. ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت، پوچتاليون ۋە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن. فابىئانچىلارغا قاتنىشىپ، ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى چاغلاردا ئىلمى فانتازىيىلىك ھېكايە <ۋاقىت ماشىنىسى>، <دوكتور مولو ئارىلى> ۋە <كۆرۈنمەس ئادەم> قاتارلىقلارنى يېزىپ، ئاجايىپ ۋەقەلەر ۋە مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى رەزىل ھادىسىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا ئېلان قىلغان <باخمۇ ئەپەندىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى>، <كەلگۈسى شەيئىلەرنىڭ قىياپىتى> ناملىق رومانلاردا ئاپتورنىڭ ئەينى چاغدىكى فاشىستىك كۈچلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە غالجىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان قايغۇ - ئەندىشىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، <مۇھەببەت ۋە لوچىن ئەپەندى>، <تونا باڭكەي> ۋە <پوۋرى ئەپەندىنىڭ تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى ساختىلىق شۇنىڭدەك نامۇۋاپىق مائارىپ تۈزۈمى ئېچىپ تاشلانغان. تارىخشۇناسلىق جەھەتتە <دۇنيا تارىخىدىن بايان> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.