Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنام خەلقىنىڭ 1945 - يىلى 8 - ئايدا، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1940 - يىلى ياپونىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى تېز راۋاجلانغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1941 - يىلى 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 - قېتىملىق يىغىنىداۋېيتنام مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى (قىسقارتىپ <ۋيېتنام ئىتتىپاقى> دەپ ئاتالغان) نى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش قارار قىلىنغان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، ۋيېتنام خەلقى ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان، قوراللىق كۈرەش ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئازاد رايونلار تەدرىجىي زورايغان. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 8 - ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خانۇي خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئارقىدىنلا شۇنخۇا (23 - كۈنى)، سايگون (25 - كۈنى) ئازاد بولغان. 27 - كۈنى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان. 30 - كۈنى ياپونىيىنىڭ قورچىقى رۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى باۋدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىنقىلاب پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلغان. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خۇزىمىن خانۇيدىكى باتىن مەيدانىدا <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان