Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋيېتنامنى قايتۇرۇۋېلىش جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. جۇڭگو شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1912 - يىلى گۇاڭجۇدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى <فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋيېتنام جۇمھۇرىيەت خەلق دۆلىتىنى قۇرۇش> تىن ئىبارەت بولۇپ، جياڭدى خۇيجاڭ، فان فېيجۇ زۇڭلى بولغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلغان. قايتۇرۇۋېلىش ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم كىچىك كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ھەممىسىلا فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەىرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت كۆپىنچە چەت ئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدە ئاممىۋى ئاساسى كەمچىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن.