Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋيتانگى شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زېلاندىيىدىكى ماۋرىلارنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرىنى ئالداپ ۋە مەجبۇرلاپ تۈزگەن تەڭسىز شەرتنامە. 1840 - يىلى 1 - ئايدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېڭى زېلاندىيىدىكى مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى كۆزلەپ، يېڭى زېلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ۋالىي ۋىللىيام خوبسوننى يېڭى زېلاندىيە تاقىم ئاراللىرى قولتۇقىغا ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋېيتانگى دېگەن جايدا يېڭى زېلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى مائورىسلار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، شەرتنامىنىڭ لايىھىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: ماۋرىلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز تېررىتورىيسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش؛ يەرلەرنى پەقەت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگىلا سېتىش؛ ئەنگلىيە ھەرقايسى قەبىلىلەر ھەمدە ئاقساقاللارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداش ۋە دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتماسلىق؛ ماۋرىلار ئەنگلىيە پۇقرالىرىغا ئوخشاش ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولۇش، دېگەنلەردىن ئىبارەت. كەسكىن تالاش - تارتىشتىن كېيىن، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ماۋرىلارنىڭ ئاقساقاللىرى مەزكۇر شەرتنامىنى ئىمزالىغان.