Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋيېتنامنىڭ ئاۋغۇست ئىنقىلابى
دائىرە: دۇنيا تارىخى越南八月革命
yuè nán bā yuè gé mìng
ۋيېتنام خەلقىنىڭ 1945 - يىلى 8 - ئايدا، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابى. 1940 - يىلى ياپونىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى تېز راۋاجلانغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1941 - يىلى 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8 - قېتىملىق يىغىنىداۋېيتنام مۇستەقىللىك ئىتتىپاقى (قىسقارتىپ <ۋيېتنام ئىتتىپاقى> دەپ ئاتالغان) نى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش قارار قىلىنغان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، ۋيېتنام خەلقى ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغان، قوراللىق كۈرەش ئۈزلۈكسىز غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئازاد رايونلار تەدرىجىي زورايغان. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ھىندىچىنى كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 8 - ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خانۇي خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئارقىدىنلا شۇنخۇا (23 - كۈنى)، سايگون (25 - كۈنى) ئازاد بولغان. 27 - كۈنى ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىنغان. 30 - كۈنى ياپونىيىنىڭ قورچىقى رۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى باۋدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىنقىلاب پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلغان. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خۇزىمىن خانۇيدىكى باتىن مەيدانىدا <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.