Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
越南抗美救国战争
yuè nán kàng měi jiù guó zhàn zhēng
ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. 1961 - يىلى 5 - ئايدا، ئامېرىكا 1954 - يىلدىكى <جەنۋە كېلىشىمى> گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، سايگوندىكى ۋۇتېڭيەن قورچاق ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا <ئالاھىدە ئۇرۇش> نى قوزغىغان. ئالاھىدە ئۇرۇش قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا 1964 - يىلى 8 - ئايدا بېيبۇۋەن ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئوتىنى ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيتكەن. 1965 - يىلى 3 - ئايدا ئامېرىكا قوشۇنلىرى شەنگاڭ پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىققان، شۇنىڭ بىلەن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى ئامېرىكا قوشۇنىنى ئاساس قىلغان <چەكلىك ئۇرۇش> دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ۋيېتنام خەلقى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، <چەكلىك ئۇرۇش> نى بىتچىت قىلغان. ئامېرىكا 1969 - يىلدىن باشلاپ <ئۇرۇشنى ۋيېتناملاشتۇرۇش> سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە، ئامېرىكا - قورچاقلار گۇرۇھى ئۇرۇش مەيدانىدا تېخىمۇ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، 1973 - يىل 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پارىژدا <ۋيېتنامدا ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى كېلىشىم> (قىسقارتىپ <پارىژ كېلىشىمى> دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. ئامېرىكا قوشۇنى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، رۇەن ۋېنشياۋ ھاكىمىيىتى <پارىژ كېلىشىمى> گە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى رەت قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئازاد رايونلارنى پىلە قۇرتىدەك يېيىشكە كىرىشكەن. 1975 - يىلى ئەتىيازدا، ۋيېتنام ئارمىيە ۋە خەلقى ئەتىيازلىق ھۇجۇمنى قوزغاپ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سايگوننى ئازاد قىلغان، 5 - ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى پۈتۈنلەي ئازاد قىلىپ، جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ھاكىمىيىتنى ئۈزۈل - كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ۋيېتنام خەلقىنىڭ 14 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرغان ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.