دائىرە: دۇنيا تارىخىجەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بۇرلار قۇرغان دۆلەت. ۋائال دەرياسى بىلەن پوئوپو دەرياسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئەسلى ماتا بىلىئې قاتارلىق بەنتو مىللەتلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان رايونى ئىدى. 1835-يىلى بورلار كاپې مۇستەملىكىسىدىن بۇ رايونغا <كۆچۈش> كە باشلىغان. ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەرنى دەھشەتلىك قىرغان ۋە قوغلىۋەتكەن. ئىلگىرى - كېىن پوتچېفسروم قاتارلىق جايلاردا بىر نەچچە كىچىك جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1849-يىلى تارقاق ئىتتىپاق قۇرغان. 1852-يىلى ساندا دەرياسى يىغىنىدا ئەنگلىيە ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1857-يىلى ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. مارتىنوس ۋېسسېل پرېتورىئۇس (1819 - 1901) زۇڭتۇڭ بولغان. ئورانگې ئەركىن شتاتى بىەن ئىتتىپاق تۈزگەن، زولۇلارغا قارشى توختىماي جەڭ قىلغان ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1877-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1880 - 1881-يىللىرىدىكى ئۇرۇشتا ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1890 - 1902 - يىللىرىدىكى ئەنگلىيە - بور ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1910-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا قوشۇلۇپ، ئۇنى بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان.