Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترانسىلۋانىيە
دۇنيا تارىخى
(بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تارىخىي جاينىڭ نامى. قەدىمكى ئاھالىسى ئاساسەن گېتېلار بىلەن داسىلار. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئاھالىسى تەدرىجىي رىملاشتۇرۇلغان. Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. Ⅸ ئەسىردە ۋېنگرلار بېسىپ كىرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخرىىدا ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ، باش ۋالىيغا قاراشلىق رايون تەشكىل قىلىنغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گېرمانلار كۆپلەپ كۆچۈپ كەلگەن. 1241-يىلى موڭغۇللارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1437 - 1438 - يىللىرى كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغان. 1526 - يىلى موخاچ جېڭىدە ۋېنگرىيە ئارمىيىسى تۈركىيە تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1541-يىلى ترانسىلۋانىيە تۈركىيە سۇلاتنىغا بويسۇنغان. 1687-يىلى ئىسپانىيە خابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانىقىغا بويسۇنغان. 1867-يىلدىن كېيىن ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1920-يىلى ئىمزالانغان <ترىئانون سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، رومىنيىگە قوشۇپ بېرىلگەن.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، شەرقىي كارپات تېغىنىڭ غەربىي، دوناي دەرياسىنىڭ تارمىقى تىسسا دەريا بويىغا جايلاشقان ئورۇن. بۇجايدا رۇمىنىيىلىكلەردىن باشقا مازار خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى تەركىبىگە قوشۇلغان. 1867 - يىلدىن كېيىن ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاۋسترو - ۋېنگرىيە پارچىلانغاندىن كېيىن، <ۋېرسال كېلىشىمى> گە ئاساسەن رۇمىنىيە ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.