Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترانې
دۇنيا تارىخى
(1817 - 1890) نورۋېگىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى يولباشچىسى. دەسلەپكى يىللاردا لىلېخاممېردا خۇسۇسىي مەكتەپ ئاچقان. كېيىن گېرمانىيە ۋە فرانسىيىگە بارغاندا، خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋەتىنىەە قايتقاندىن كېين، 1848-يىلى <دراممېن يەرلىك خەۋەرلەر گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىنقىلابىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى دراممېندا نورۋېگىيە بويىچە تۇنجى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان. كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، 273 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرغان، مونارخىيىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئومۇمىي سايلامنى يولغا قويۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1849-يىلى <دراممېن يەرلىك خەۋەرلەر گېزىتى> نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، باشقىدىن <ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گېزىتى> نى چىقارغان ھەمدە ئاممىۋى خاراكتېرلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. 1851-يىلى يازدا ئىنقىلابقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ھۆكۈمەتكە قارش تۇردى، دەپ قولغا ئېلىنغان، 1855-يىلى تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، 1858-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1863-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك تەرغىبات ئىشى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.