Uyghurئاساسىي لۇغەت
ترايلوك
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئىسمى برومو ترايلوكانات. تايلاندتىكى ئايۇتىئا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1448 - 1488). تەختتە تۇرغان مەزەىلىدە، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرى بىلەن ھەربىي تارماقلارنى ئايرىۋەتكەن، ئىچكى ئىشلار تارماقلىرىنى بەش بۆلۈمگە ئايرىپ، مەركەز بىلەن جايلار مەمۇرىيىتىنى، ئەدلىيە، مالىيە، دېھقانچىلىق ۋە ئوردا ئىشلىرىنى ئايرىم - ئايرىم باشقۇرغان. شۇنىڭدەك <ئوردا قانۇنى> نى جاكارلاپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە مۇكاپات - جازالارنى بەلگىلىگەن. شۇنداقلا <تەبىقە بويىچە يەر بېرىش قانۇنى> نى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالغان؛ ئاقسۆڭەكلەر، ئەمەلدارلارغا دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بويىچە يەر بەرگەن، ئەڭ كۆپ بولغانلىرىغا 4000 <لەي> (ھەر بىر لەي تەخمىنەن 1600 كۋادىرات مېتىر) يەر بەرگەن، دېھقانلارنىڭ ھەر بىرىگە ئاران 35 لەي يەر بەرگەن. سىرتقا قارىتا، شىمالدىكى چىڭمەي بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان، بىر مەھەل پايتەختىنى پىتىسانۇلوغا يۆتكىگەن ھەمدە مايا يېرىم ئارىلىغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان.