Uyghurئاساسىي لۇغەت
ستولوگىيە
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىنىڭ تۈزۈلۈشى، فۇنكىسىيىسى ۋە ھايات تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھۈجەيرە ۋە ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە فۇنكىسىيىسىنى شەرھلەش، ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى، بۆلۈنۈشى، دىففېرېنسىيىلىنىشى، ھەرىكىتى، نەسىلىگە ئۆتۈشى، ئۆزگىرىشى، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە قېرىشى قاتارلىق ئاساسىي ھاياتلىق پائالىيەت قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى سىتولوگىيە فوتومىكروسوپقا تايىنىپ خوندرىئوسوما، سېنترىئوسوما، خروموسوما ۋە يادرو مېغىى قاتارلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆزىتەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىدە قەۋەتلەرگە ئايرىغۇچى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ پلازما پەردىسى، مىكرو قانال، مىكرو نەيچە ۋە رىبوسوما قاتارلىق ئۇلترا تۈزۈلۈشلەرنى كۆزىتىدىغان بولدى. ستولوگىيە ھۈجەيرە مورفولوگىيىسى، ھۈجەيرە فىزىئولوگىيىسى، ھۈجەيرە خىمىيىسى، ھۈجەيرە گېنېتىكىسى ۋە مولېكۇلا سىتولوگىيىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىنىڭ ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى. ھەرىكىتى، يېتىلىشى، كۆپىيىشى ۋە ھۈجەيرە تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ رولى ھەم خىمىيىۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.