Uyghurئاساسىي لۇغەت
ستۇم يىللىرى
دۇنيا تارىخى
1894 - 1899 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئەكسىيەتچىل مەزگىلىنى كۆرسىتىدۇ. كاتتا سانائەتچى، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىللىيام Ⅱ نىڭ يېقىن ئادىمى ۋىكونت ستۇم ھالبېرگ (1836 - 1901) بەرگەن تەكلىپ بولغانلىقتىن، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1894 - يىلى 12 - ئايدا، گېرمانىيە ئېمپېرىيە پارلامېنتى ستۇمنىڭ سوتسىيال - دېموكراتىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى نەزەربەنت قىلىش ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە بىنائەن، <ھازىرقى تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلاردىن ساقلىنىش> قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرغاقويۇپ، ھازىرقى دۆلەت تۈزۈمىگە قارشى تۇرغانلىكى كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ <سوتسىيالىستلارغا قارشى پەۋقۇلئاددە قانۇن>نىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ئىبارەت. ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇدرەتلىك بېسىمى ئاستىدا، بۇ قانۇن لايىھىسى ئىنكار قىلىنغان. 1897 - يىلى پارلامېنت يەنە ئىشچىلارغا قارشى <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قانۇنى>نى ئوتتۇرغا قويغاندا، يەنە بىرقېتىم رەت قىلىنغان. 1899 - يىلى 6 - ئايدا، پارلامېنت ئوتتۇرغا قويغان ئىش تاشلىغانلارنى جازالاش قانۇن لايىھىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، <ستۇم يىللىرى> ئاخىرلاشقان.