Uyghurئاساسىي لۇغەت
ستولىپىن
دۇنيا تارىخى
(1862 - 1911). روسىيەنىڭ باش ۋەزىرى (1906 - 1911). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، 1884 - يىلدىن باشلاپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. ساراتوۋئۆلكىسىنىڭ گوبېرناتورى بولغان (1903 - 1906). ئۇنىڭ باش ۋەزىر بولغان مەزگىلى <ستولىپىن ئەكسىيەتچىلىكى>دەپ ئاتالغان. سىياسىي جەھەتتە، <3 - ئىيۇن> سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، 1905 - يىلى ئىنقىلابقا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىنى پېچەتلىگەن؛ ھەربىي سوتلارنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مىڭلىغان ئىنقىلابچىلارنى قىرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، يېزا جامائەسى تۈزۈمىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، باي دېھقانلارنى يۆلەپ، ئۇلارنى چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى تايانچى قىلىشنى مەقسەت قىلغان <يەر ئىسلاھاتى>نى يۈرگۈزگەن. 1906 - يىلى 11 - ئايدا قانۇن تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ يېزا جامائەسىدىن چىكىنىپ چىقىشىغا ھەمدەئۆزىنىڭ ئۈلۈش يېرىنى خۇسۇسىي مۈلۈككە ئايلاندۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن يېزا جامائەسى كۈنسايىن پارچىلىنىپ، باي دېھقانلارنىڭ كۈچى ئېشىپ، كۆپ ساندىكى دېھقانلار يەردىن ئايرىلىپ ۋەيران بولغان، يېزىلاردىكى سىنىپىي زىددىيەت كەسكىنلەشكەن. ئۇ 1911 - يىلى كېيۋتاسوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغان.