Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىنگەنخۇي ئۇيۇشمىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندە ياپونىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكى مىللىي ئىسلاھاتچىلىق تەشكىلاتى. 1927 - يىلنىڭ باشلىرى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ھەرخىل خاھىشتىكى ھەرقايسى تەبىقىلەردىن كەلگەن. رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىللىي ئىسلاھاتچى. مىللىي مۇستەقىللىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دەھشەتلىك كۈرەش داۋامىدا ئەزالارنىڭ بەزىلىرى تەۋرىنىپ ئاينىپ كەتكەن. لېكىن بىرقىسىم ئەزالىرى ياپونىيىگە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 5 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.