Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىۋارزېنبېرگ
دۇنيا تارىخى
(1800 - 1852) ئاۋسترىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1848 - 1852). 1826 - يىلى لوندونغا ئەلچى بولۇپ بارغان. 1838 - 1848 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇرېن، پارما ۋە نېئاپول قاتارلىق جايلاردا ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1848 - يىلى ئىتالىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى يەنە ۋېنادىكى ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيەنىڭ باش ۋەزىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغان. <تۆمۈر قوللۇق> ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىپ، ئاۋسترىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان ھەمدە چار روسىيە ئارمىيسىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. ئوتتۇرا ياۋرۇپاد ئاۋسترىيىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، پروسسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىنى قاناتيايدۇرۇپ، 1850 - يىلى 11 - ئايدا، روسىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن، پرۇسسىيىنى <ئورمىيۇس كېلىشىمى>نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلىپ،ئاۋستىرىيىنىڭ گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتكەن.