Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىۋابېن ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
1488 - يىلى 2 - ئايدا گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شىۋابېن رايونىدىكى رىتسارلار ئىمپېرىيەشەھىرى ئېسسىلىنگېن (ھازىرقى ئىتتىپاق گېرمانىيەنىڭ بادېن - ۋۇئېرتتېمبېرگ شتاتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان، ئەسلىدە <خۇدانىڭ تىنچلىقى>نى قوغداش مەقسەت قىلىنغان، بۇنىڭغا كىنەزلەرمۇ قاتناشقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ پادىشاھ سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە مائىنز باشچىلىقىدىكى كىنەزلەرنىڭ فېئوداللىق ئىمتىيازىنى قوغدايدىغان قورالىغا ئايلانغان. بۇ ئىتتىپاقنىڭ قوراللىق كۈچلىرى (12 مىڭ پىيادە ئەسكەر بىلەن 1200 رىتسار) 1524 - 1525 - يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنى باستۇرۇشتا مۇھىمرول ئوينىغان. كېيىن دىنىي ئىسلاھاتتا، ئىچكى قىسىمدا ئىككى مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە پادىشاھى چارلېس Ⅴ نى قوللىغان، پروتېستانتقا ئېتىقاد قىلغۇچىلار شمالكادېن ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن. 1534 - يىلى بۇ ئىتتىپاق پارچىلانغان.