Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىنچۇدىكى خۇەيدەن مەسچىتى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىلى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنچۇ ناھىيىسىدىكى خۇەيدەن بازىرىنىڭ شەرقىي مەھەللىسىدە. « شېنچۇ ناھىيە تەزكىرىسى » گە قارىغاندا، بۇ مەسچىتنى پارسلاردىن ئەلى 1273 - يىلى سالدۇرغان. مەسچىت 1524 - يىلى رېمونت قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 9 مىڭ 72 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشىغا ئوخشاش قىلىپ 63 ئېغىز ئۆي سېلىنغان. بۇ مەسچىت جۇڭگونىڭ ئوردا شەكىلىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، گۈل - گىياھ نەقىشلىرى بىلەن بېزەلگەن. يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى ۋە مىنگو دەۋرىدىكى 13 ئابىدە بولغان. ھازىر بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.