Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەمسىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، 17 - ئەسىردە شەيخ شەمسىددىن (؟ - 1600 ياكى 1601) قۇرغان. شەمسىددىننى ئوسمانلى تارىخچىلىرى سۇلتان مۇھەممەد 3 (1595 - 1603) دەۋرىدىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى مۆتىۋەللىلەرنىڭ بىرى ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زات ئىراقتىكى مادىنادا دۇنياغا كەلگەن. ۋاپات بولغاندىن كېيىن مادىناغا دەپنە قىلىنغان. بۇ پىرقىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى سۆزلەر بىر خىل ئەمەس. بەزىلەر ئۇنى خەلۋەتىيە پىرقىسىنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى ەيدۇ. بەزىلەر خەلۋەتىيە پىرقىسىنىڭ يەرلىكتىكى ئاتىلىشى دەيدۇ. بەزىلەر مىسىردىكى بەدەۋىيە پىرقىسىنىڭ تارمىقى دەيدۇ.