Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەمسىددىن داموللام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1882 - 1936) جۇڭگودىكى چوڭ موللا. داڭلىق شائىر. ئاتۇشلۇق، ئۇيغۇر، قەشقەردە بىلىم تەھسىل قىلغان. بىر يىلدىن كېيىن بۇخاراغا بېرىپ 10 يىل ئوقۇپ، بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. 1910 - يىللىرى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ خانلىق مەدرىسىدە مۇددەرىس بولدى. 1929 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلدى. ۋەھھابىيەنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىشنى قوللىدى. تەجەللى ساھىبنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقتى ھەمدە <قۇرئان كەرىم> نى ئۇيغۇرچە تەپسىر قىلدى. 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> دە ۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرى بولدى. 1936 - يىلى قازا قىلدى.