Uyghurئاساسىي لۇغەت
شەمشاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قامەتلىك، چىرايلىق بىر خىل دەرەخ:
ئەي ئەجەب ساچلارى سۇنبۇل قاشى مېھرابى كەمان،
قەدى شامشادى جەھان، مۇنجاقى ئالتۇن ئىغاناق.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سەرۋىگە ئوخشايدىغان خۇشقامەت ۋە چىرايلىق دەرەخ: شەمشاد قامەت - شەمشاد دەرىخىدەك كېلىشكەن (ئەدىبىياتتا سۆيگەن يارنىڭ بويىنى خۇشقامەتلىكتە مۇشۇ دەرەخكە ئوخشىتىش ئادەت بولۇپ قالغان. شەمشادنىڭ بەرگىلىرى تولا بولغاچقا، ئۇنىڭغا چاچنىمۇ ئوخشىتىدۇ).
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
شەمشاد شىنا يوپۇرماقلىق شەمشاد دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىز جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ماتېرىيال قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى رەتلىك ھەم تۈز، تۈزۈلۈشى پۇختا، ماتېرىيال سۈپىتى يۇمشاق، چىرىشكە چىداملىق، قۇرت يېمەيدۇ، قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، ئىستولبا، كېمىسازلىق، ئۆي جاھازلىرى ياساش، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكىتىمىز ياغاچ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ تۆتتىن بىرى شەمشاد ياغىچى ئىكەن. شەمشادنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، ئومۇمەن10 −20 يىلدا ماتېرىيال بولالايدۇ.
شەمشادنىڭ سورتلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى يۇمران شاخ، يېڭى يوپۇرماقلىرى بىردەك سارغۇچ يېشىل رەڭلىك، ئاق پاراشوكلىرى يوق، پارقىراق بولىدىغان مايلىق شەمشاد بولۇپ، ئۇ يەنە يالغان تسۇگا، جۇڭگو تسۇگا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى كۆكۈچ يېشىل، ئاق پاراشوكى بار، پارقىرىمايدىغان كۈل رەڭ شەمشاد، توپانلىق شەمشاد، قىلتىرىقلىق شەمشاد ياكى كۆپمە شەمشاد دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى يوپۇرماقلىرى نېپىز ھەم يۇمشاق، شاخلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان مەجنۇن شەمشاد، بۇ يەنە يۇمشاق يوپۇرماقلىق شەمشاد دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
شەمشاد دەرىخى شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى30 نەچچە مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى3 مېتىر، دەرەخ غولى تۈپتۈز، دەرەخ شەكلى رەتلىك، يوپۇرمىقى يىپسىمان، ياپىلاق، دۈمبە تەرىپىدە ئاق رەڭلىك پاراللېل كەتكەن ئىككى تال ھاۋا تۆشۈكى بەلۋېغى بولىدۇ. ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تۈپتە، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە چېچەكلەيدۇ، ئاتىلىق شارچە گۈلى سىلىندىرسىمان، ئانىلىق شارچە گۈلى يۇمىلاق، شارچە مېۋىسى تىك سىلىندىر شەكىللىك، ئۇرۇق تەڭگىچىسى يۇمىلاق، ئۇرۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا قانىتى بار.
بىئولوگىيە
شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى ئۇزۇن يىپسىمان يېرىلىپ تۆكۈلىدۇ، كىچىك شېخى يېقىن ئۇدۇل ياكى ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئاساسىي شېخىدا بۇرمىسىمان نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يان شېخىدا بولسا، ئايلىنىپ ئۆسۈپ پەيسىمان ئىككى قاتارنى ھاسىل قىلىدۇ، يىپقا ئوخشاش تۆمۈنىسىمان، تېرىلەشكەن، قاتتىق بولۇپ گىرۋىكىدە ئازراق كەمتۈك چىشى بولىدۇ، ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، ئۈستۈنكى يۈزىدىكى ھاۋا تۆشۈكچە سىزىقى ئاستىنقى يۈزىدىكىدىن ئازراق بولىدۇ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى شاخ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئانىلىق شارچە گۈلى شاخ ئۇچىدا يەككە ياكى 2 - 3 دانىسى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان بولىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى بىلەن تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى بىرلىشىپ كېتىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى چوڭ بولىدۇ. تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ قورساق تەرىپىدە ئۈچ دانە تۆرەلمە تۈگۈنى ئۆسىدۇ. شارچە مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى تېرىلىشىدۇ، ياپىلاق بولىدۇ، ئۇچى قاتتىق تىكەنسىمان ئۇچلىنىدۇ، ئۇرۇق تەڭگىچىسى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئۇرۇقى ياپىلاق بولۇپ، ئىككى يان گىرۋىكىدە تار قانىتى بولىدۇ. چاڭجياڭ ۋادىسى ۋە چىنلىڭ چوققىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ ئۆسۈشى تېز، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتېرىيال دەرىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياغىچىنىڭ سۈپىتى يۇمشاق، ئىنچىكە، پۇراقلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش ئاسان، چىرىتىشكە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ئاق چۈمۈلە يېيەلمەيدۇ. قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، كېمە، كان تۈۋرۈكى، ستولبا، ئۆي جاھازلىرى ۋە ياغاچ تالا سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. قوۋزىقىدىن ئىزولياتسىيىلەنگەن تاختاي، تالالىق تاختاي ياساشقا، ئۆي ئۈستىگە سېلىشقىمۇ بولىدۇ؛ يىلتىز، يوپۇرماق ۋە قوۋزىقى دورىغا قوشۇلىدۇ؛ ئۇرۇقى تەركىبىدە 20 پىرسەنت ماي بولۇپ، سوپۇن ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. شەمشادنىڭ ئۆسۈشى تېز، ياغاچ ماتېرىيالى ئەلا سۈپەتلىك، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۇ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسسىق بەلباغ رايونلاردىكى ئۆسۈشى ئەڭ تېز بولغان مۇھىم دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل تاللاپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھازىر ئۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خېلى كۆپ سورتلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. قوۋزىقى قوڭۇر كۈل رەڭ، يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە ھەم سەل - پەل ئەگمەچ كېلىدۇ، ياغىچى ئاق، قاتتىق ھەم سىپتا. ئادەتتە قۇرۇلۇش ۋە قورال - جابدۇق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
شەمشات
تۈز ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ