Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامۇدرا گۇپتا
دۇنيا تارىخى
(؟ - 380). ھىندىستاندىكى گۇپتا خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى(تەخمىنەن 330 - 380)، چاندرا گۇپتا Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، كەڭ تۈردەجازا يۈرۈش قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى مەدھىيلىگەن <ئاراھابا مەدھىيىسى> دىن قارىغاندا، ئۇ شىمالىي ھىندىستاندىكى توققۇز پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى گۇپتا خاندانلىقىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋالغان، شەرقتە براخما پۇترا دەرياسىدىن باشلاپ، غەربتە ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغىچە بولغان شىمالىي ھىندىستاندىكى كەڭ رايوننى كونترول قىلغان. كېيىن يەنە جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىگە قارىغاندا، ئۇ جەنۇبىي ھىندىستاندىكى سەردارلاردىن 12 نى ئەسىر ئېلىپ، بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. شېئىر يېزىش ۋە ئاھاڭغا سېلىشقا ئۇستا ھەمدە مەدەنىيەت - سەنئەتنى تەشەببۇس قىلغان ۋە قوغدىغان، <شائىر شاھ> دەپ شۆھرەت قازانغان. براخمان دىنىغائېتىقاد قىلغان، لېكىن باشقا دىنلارغىمۇ كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان.