Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامۇ ۋاسساللىقى
دۇنيا تارىخى
كاگوسىما ۋاسساللىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ يىغىلىق دەۋرىدىن كېيىنكى مۇھىم ۋاسساللارنىڭ بىرى. ئېدو دەۋرىدىكى ۋاسسال ئىگىسى شىمازۇ سامۇ، ئوسۇمى ئىككى بەگلىك (ھازىرقى كاگۇسىماناھىيىسى) نى ۋە خىناتا بەگلىكى (ھازىرقى مىيازوكى ناھىيىسى) نىڭ بىرقىسمىنى بۆلۈۋالغان. توكۇگاۋا شوگونلۇقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خان ئوردىسى بىلەن شوگناتنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سامۇ - ئەنگىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ۋاسساللىقنىڭ سىياسىي فاڭجىنى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، سرتقا قارىتا ئەنگىلىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا، ئىچكى جەھەتتە پادىشاھقا ھۈرمەت قىلىش، شوگناتنى ئاغدۇرۇش تەرەپكە بۇرۇلۇشقا باشلىغان. يېڭىلىق يارىتىش ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سامۇ ۋاسساللىقىدىن چىققان شوگناتنى ئاغدۇرۇش تەرەپدارلىرى سىياسىي ساھە ۋە ھەربىي ساھەدە ناگۇسا ۋاسساللىقى بىلەن بىر قاتاردىكى سامۇ ۋاسساللىقىنى شەكىللەندۈرگەن. 1187 - يىلى ۋاسساللىقنى بىكار قىلىپ ناھىيە قۇرۇش يولغا قويۇلغاندا، كونا ۋاسساللىقنىڭ ئاساسىي قىسمى كاگوسما ناھىيىسى قىلىنغان.