Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامىتى
دۇنيا تارىخى
سانسكرىتچە Samitiنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئارىيان قەبىلىسىنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئومۇمەن قەبىلىنىڭ خەلق كېڭىشى دەپ قارىلىدۇ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەن بارلىق ئەرلەردىن تەركىب تاپىدۇ، قەبىلە باشلىقىنىڭ رىياسەتچىلكىدە چاقىرىلىپ، قەبىلىنىڭ بەزى چوڭ - چوڭ مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. دۆلەت پەيدا بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ قوقۇقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە زېمىنىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئۆز رولىنى تەدرىجىي يوقاتقان.