Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامودرا دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندىنوزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سوماترا ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي دىيارو، غەربىي ناگۇرا دۆلىتى ۋەلىدې بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان. 1292 - يىلى ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو بۇ دۆلەتكە بارغان. ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان. 14 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى مادچاپات دۆلىتىنى بويسۇندۇرغان. كېيىن ناگۇرا دۆلىتى بىلەن پات - پات تۇتۇشۇپ كەلگەن. 15 - ئەسىرنىڭ بېشىدا جۇڭگولۇق دېڭىز ساياھەتچىسى جېڭخې بۇ يەردە ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولغان. 16 - ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىدا كۈچ زەئىپلىشىپ، كېيىن ئاچى دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.