Uyghurئاساسىي لۇغەت
سامنىلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سامنى رايونىدىكى ئاھالە،سابىنلارنىڭ تارمىقى بولۇشى مۇمكىن. ئاساسەن ئاپپېننىن تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاز ساندىكىلىرى دېھقانچىلىق قىلغان. قەدىمكى ئىتالىيە تارىخىدا، قەيسەر، ئۇرۇشقا ماھىرلىقى، رىمنىڭ بويسۇندۇرىشىغا ئۇزاققىچە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئىككى قەبىلە گۇرۇھى بولۇپ، شىمالدىكىلەر پېنترى، جەنۇبتىكىلەر كائودىنى دەپ ئاتالغان. ئىككى قەبىلە ئانچە زىچ بولمىغان ئىتتىپاق قۇرغان، ئىتتىپاق يىغىنى تەسىس قىلغان، زۆرۆر تېپىلغاندا بىر ھەربىي قوماندان تەيىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلغان رىم كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقان، ئاخىرى يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان ئۈچ قېتىملىق سامنى ئۇرۇشى كېلىپ چىققان. سامنىلار مەشھۇر كاۋدىئان جىلغىسى جېڭىدە رىم ئەسكەرلىرىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، لېكىن ئاخىرى يېڭىلىپ، رىمغا بويسۇنۇشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا رىمغا قارشى پات - پات ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان. مىلادىدىن 90 - 88 يىل ئىلگىرى ئىتالىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ رىمغا قارشى ئىتتىپاقداشلار ئۇرۇشىدا ئاساسىي كۈچ بولغان. رىمدىكى مارىئوس بىلەن سۇللا <ئچىكى ئۇرۇش> قىلغان پەيتتە، يېڭىۋاشتىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، نەتىجىدە سۇللا تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان (مىلادىدىن ئىلگىرى 82)؛ شەھەر ۋەيران قىلىنغان، نۇرغۇن ئاھالە ئۆلتۈرۈلگەن،بەزىلىرى قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن رىم كۆچمەنلىرى سامنى رايونىغا كۆپلەپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ رىملاشتۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن.