Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېتسېپتور
بىئولوگىيە
<سېزىم قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم ۋە ھايۋان بەدىنىدىكى ھەرخىل غىدىقلاشلارنى سېزىدىغان بارلىق ئالاھىدە تۈزۈلۈشلەر ۋە فۇنكسىيە بىرلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ غىدىقلاشلىرى (تەسىرلىرى) نىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) تاشقى رېتسىپتورلار، مەسىلەن، تېرە رېتسىپتورى، ئۇ بەدەننى يېقىن ئەتراپتىكى تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىش ئىنفورماتسىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ (2) ئارىلىق رېتسىپتورى، مەسىلەن، كۆز، قۇلاق، بۇرۇنلار بەدەنگە يىراقراق بولغان مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنفورماتسىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ (3) خاس رېتسېپتورلار مەسىلەن، مۇسكۇل، مۇسكۇل پېيى، بوغۇم (ئۈگە) ۋە دەھلىز (قۇلاقنىڭ) لەر بەدەننىڭ بوشلۇقتىكى ھەرىكىتى ۋە ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنفورماتسىيە (ئۇچۇر) لارنى تارقىتىدۇ؛ (4) ئىچكى رېتسىپتورلار، مەسىلەن، ئىچكى ئەزا رېتسىپتورى، ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىدىن كەلگەن ئىمپۇلسنى يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت غىدىقلاشنىڭ فىزىك - خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەنمۇ يورۇقلۇق، ئاۋاز، مېخانىكا، تېمپېراتۇرا، خىمىيە، ئوسموتىك بېسىم قاتارلىق رېتسىپتورلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. سېزىم ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ سۇبيېكتىپ ئەكس تەسۋىرى بولۇپ، ئاڭ بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئوبيېكتىپ دۇنيانى پەقەت سېزىم ئارقىلىقلا بىۋاسىتە بىلەلەيدۇ.
بىئولوگىيە
ئادەتتە ھۈجەيرە پەردىسى ياكى ھۈجەيرە ئىچىدىكى سىرتتىن كەلگەن ماددىلار، مەسىلەن، ئانتىگېن، ۋىرۇس، گورمون، بۇلغىغۇچى ماددا قاتارلىقلارنى پەرق ئېتىپ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ، بەلگىلىك فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىدىغان ئورۇنغا قارىتىلغان. بۇنداق ئورۇنلار ئاقسىل ياكى قەنت ئاقسىلىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، جىگەر ھۈجەيرە پەردىسىدىكى β - رېتسېپتور بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، ئۇ ئادرېنالىن بىلەن بىرىككەندىن كېيىن رېتسېپتور ئاقسىلىنىڭ تۈزۈلۈش فورمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىدىكى بىر قاتار ئېنزىملارنىڭ فۇنكىسىيىسى ئۆزگىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا جىگەر ھۈجەيرىسىدە ساقلىنىۋاتقان گلىكوگېن گلوكوزىغا پارچلىنىپ كېتىدۇ. خولېستېرىن تۈرىدىكى گورمونلار تەسىر قىلىدىغان رېتسېپتور ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. جانلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھۈجەيرە پەردىسىدىكى رېتسېپتورلار ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى ئاكتىپلاشتۇرۇلسا، ھۈجەيرىدىكى CAMP نىڭ مىقدارى يۇقىرىلايدۇ، مەسىلەن، ئادرېنالىسىن β - رېتسىپتورى؛ بىر خىلى ئاكتىپلاشتۇرۇلسا، ھۈجەيرىدىكى CGMP نىڭ مىقدارى يۇقىرىلايدۇ، مەسىلەن، ئاتسىتېلىخولېن M رېتسېپتورى قاتارلىقلار. ھازىر ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ۋە توقۇلما خىمىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ھۈجەيرە پەردىسىدىكى رېتسېپتورلارنىڭ تۇرغان ئورنىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
پسىخولوگىيە
نېرۋا سىستېمىسىدىكى نېرۋا ئۇچى توقۇلمىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.