Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېتېف
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1838)، بۇلارنىڭ چوڭ كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ سەردارى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە كاپودا، خوگىنيۇ مەزھىپىدىكى ئاتاقلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرغان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللانغان. 1837-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بۇرلارنى چەتكە قېقىشقا نارازى بولۇپ، خىتابنامە ئېلان قىلىپ چوڭ كۆچۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە بۇلارنى باشلاپ ئافرىقىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا كۆچكەن، ئورانگې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى قوغلاپ، ۋېنبۇرگتا <يېڭى گوللاندىيە ئەركىن ئۆلكىسى> نى قۇرۇپ، ئۆزى قوماندان بولغان. 1838-يىلى يەنە 600 نەپەر بۇرنى باشلاپ شەرققە كۆچكەن، ناتارغا بارغاندا زۇلو خانى دېڭگە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.