Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېپىن
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1930) روسىيىلىك رەسسام. سەييارە رەسىم كۆرگەزمىسى گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. ھەربىي كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ، 1863-يىلى پېتربۇرگ گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، شۇ چاغدىكى ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئىتالىيە ۋە فرانسىيىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىپ، قەدىمكى ۋە ھازىرقى ياۋروپا سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان. تەنقىدىي رېئالىزم ئۇسۇلىنى قوللىن، روسىيە ئەمگەكچى خەلقىنىڭ چار پادىشاھ تۈزۈمى ئاستىدىكى پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەشانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. تۇرمۇش رەسىملىرى، تارىخىي رەسىملەر، سۈرەت ۋە مەنزىرە رەسىملىرىنى سىزغان بولۇپ، ئەسەرلىرى مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە، پىكىرى چوڭقۇر، تۈزۈلمىسى مۇكەممەل، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يرىمىدىكى رۇس رەسىم سەنئىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەلىرىدىن <ۋولگا بورلاكلىرى>، <دىن سېپى>، <1851-يىل 16-نويابىردىكى قەھرلىك ئىۋان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىۋان>، <يولغا چىقىش ئالدىدىمۇ توۋا قىلىشتىن باش تارتىش>، <كۈتۈلمىگەندە يېتىپ كېلىش> ۋە <مۇزىكانت موسورسكىنىڭ سۈرىتى> قاتارلىقلار بار.