Uyghurئاساسىي لۇغەت
روژدېستۋو بايرىمى
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىدا رىۋايەتتىكى قىددىس ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بەلگىلەنگەن بايرام كۈنى (مىلادى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى). <تەۋرات> تا ئەيسانىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىغان. <ئىنجىل> دا بەزىلەر ئەيسا ھېرود (مىلادىدىن 4 يىل ئىلگىرى قازا تاپقان) يەھۇدىيلارغا پادىشاھ بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان. (<مەتسەي گوسپېلى>. ئىككىنچى سۈرە) دېسە؛ بەزىلەر كۇئىرىنىئۇس سۈرىيىگە باش ۋالىي بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان (<لۇكاس گوسپېلى>. ئىككىنچى سۈرە) دەيدۇ. رىمنىڭ كۇئىرىنىئۇسنى باش ۋالىيلىققا ئەۋەتكەن ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىن 6 - يىلغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، خرىستىئان دىنىنىڭ ئەڭ كلاسسىك ھۆججەتلىرىدىمۇ ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا تۇغۇلغان يىلى توغرىسىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئوخشىماسلىق بار. ئاساسلارغا قارىغاندا، غەربتە ئەڭ بۇرۇن مىلادى Ⅳ ئەسىردىلا 12-ئاينىڭ 25-كۈنىنى ئەيسا تۇغۇلغانلىقىنىڭ بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، بۇ كۈن شۇ زامانلاردا تارقىلىپ يۈرگەن تەڭرى مېتېلا (قەدىمكى ئىراننىڭ قۇياش تەڭرىسى) غا چوقۇنۇش بايرام كۈنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، بەلكىم ئالدىنقىسى كېيىنكىسىگەۋارىسلىق قىلغان بولۇشى ياكى تەقلىد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. شەرق (ئالدى بىلەن غەربىي ئاسىيا) تە يۇقىرىدىكى ۋاقىتنى قىددىس ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيدىغان <روژدېستۋو بايرىمى> قىلىش ئادىتى خېلى ئۇزاق جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى.