Uyghurئاساسىي لۇغەت
روزىنى مەن تۇتسام ھېيتنى باشقىلار ئوينىدى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«روزىنى مەن تۇتسام، ھېيتنى باشقىلار ئوينىدى»بۇ، ئىشلىگەنلەر ھالال مېھنەت ئەجرىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرمەي ئەكس ھالدا ئىشلىمگەنلەر راھەت كۆرگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ:
سۇ كەلتەرگەن خاردۇر، ئەزىز كوزا چاققان،
چۈنكى ئۇنىڭ خۇشامەتكە تىلى چاققان.
ھېيتەم تۇتسا روزىنى ساق ئۇزۇن كۈندە،
روزى ئوينار كۈلۈپ ھېيتنى توي - تۆكۈندە.