Uyghurئاساسىي لۇغەت
روساس
دۇنيا تارىخى
(1793 - 1877) ئارگېنتىنالىق مۇستەبىت. 1828-يىلى قوشما شتاتچىلارنىڭ داھىيىسى بولغان. 1829-يىلى بۇئېنوس ئايرېس ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقىغا، قوشۇمچە ئۆلكىلىك قوراللىق قىسىمىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلانغان. ھەربىي يۈرۈش (يەنى <چۆل - باياۋانغا يۈرۈش قىلىش>) نى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىندىئانلارغا قارىتا قانلىق جازا يۈرۈشى ئېلىپ بارغان. 1835-يىلى يەنە ئۆلكە باشلىقى بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەرنى تېخىمۇ كونترول قىلىپ، ئارگېنتىنادىكى مۇستەبىتكە ئايلانغان. يۇقىرى قاتلامدىكى سودا پومېشچىكلىرى ۋە ئەكسىيەتچىل روھانىيلار قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ئوڭچى كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلغان. ئىچكى جەھەتتە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كۈچلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، داۋاملىق خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. تاشقى جەھەتتە ئۇراگۋاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقان. 1852-يىلى فېۋرالدىكى مونت - كاسېلوس ھەل قىلغۇچى جېڭىدە تارمار قىلىنغان. كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن.