Uyghurئاساسىي لۇغەت
روسسىنى
دۇنيا تارىخى
(1792 - 1868) ئىتالىيە ئوپېرا كومپزىتورى. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، سائەتچىنىڭ شاگىرتى بولغان. 13 يېشىدا سىستېمىلىق مۇزىكا بىلىملىرىنى ئېلىپ، پىئانىنو چېلىش، ناخشا ئېيتىش ۋە ساز رىتىمىنى تەڭكەش قىلىشنى ئۆگەنگەن. بولونىيە تىياتىرخانىسىدا كانايچى بولغان. 1806-يىلى ئىجادىيىتىنى باشلاپ، پۈتۈن ئۆمرىدە 50 كە يېقىن ئوپېرا يازغان. 1815-يىلدىن باشلاپ دائىم نېئاپولدا تۇرۇپ، ئىككى تىياتىرخانىنىڭ رېژىسسورى بولغان. <سېۋىلىيىنىڭ ساتىراش> دېگەن ئەسىرىنىڭ ماتېرىيالى بومارشېنىڭ شۇ ناملىق كومېدىيىىدىن ئېلىنغان بولۇپ، مۇزىكىسى جانلىق، يۇمۇرلۇق، فېئوداللىققا قارشى خاھىشقا ئىگە، ئۇ ⅩⅨ ئەىسر ئىتالىيە كومېدىيىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 1822-يىلى ئۇ ئىتالىيە ئوپېرا ئۆمىكى بىلەن بىللە ۋېنا، پارىژ، لوندون قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويغان. 1824-يىلدىن باشلاپ پارىژدا تۇرۇپ، پارىژدىكى ئىتالىيە تىياتىرخانىسىنىڭ رېژىسسورى بولۇپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان كۆپلىگەن ئەسەرنى كۆرسەتكەن، كېيىن تەكلىپىگە بىنائەن پادىشاھنىڭ مۇزىكانتى بولغان. 1829-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ھارپىسىدىكى كەيپىياتنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، شىللېرنىڭ ئوخشاش ناملىق ئوپېراسىغا ئاساسەن <ۋىليام تېئىر> دېگەن ئوپېراسىنى يېزىپ، ⅩⅢ ئەسىردىكى شۋېتسارىيە رىۋايەتلىرىدىكى بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيىلەپ، ئىتالىيە خەلقىنىڭ يات مىللەتنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 1836-يىلى بولونىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1847-يىلى فلورېنسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1855-يىلى يەنە پارىژغا كۆچۈپ كېلپ، ۋاپات بولغانغا قەدەر شۇ جايدا تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىجادىيەتلىرى كۆپ ئەمەس، ئەسەرلىرىدىن ئومۇمخور، پىئانىنو مۇزىكىلىرى، ناخشا قاتارلىلار بار.