Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىم مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلتىنىڭ مەدەنىيىتى، كلاسسىك جەمئىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دەسلەپكى مەزگىلدە دىن، بىناكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئېترورىيىلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى (ئاۋۋال ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇنان كولۇنىيە - شەھەرلىرىگە تارقالغان)، رىم مەدەنىيىتىنىڭ يارىتىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن. رىمدا يۇناندىكى ئاساسلىق تەڭرىلەرگە تەڭ - باراۋەر كېلىدىغان لاتىن تەڭرىلىرى بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە رىم ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان، قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى، سىياسى تېز تەرەققىي قىلغان، مادىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا راۋاجلانغان، ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە (مىلادى Ⅰ - Ⅱ ئەسىر) گۈللىنىش باسقۇچىغا يەتكەن. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغانىلرىدىن، ئەدەبىيات جەھەتتە چوڭ كاتون، سىتسېرون، كائېسارلاrنىڭ نەسرىي ئەسەرىرى، ۋارروننىڭ لاتىن تىلى گرامماتىكىسى، ۋېرچىلىي، خوراسې، ئوۋىدىلارنىڭ شېئىرلىرى، بىنكارلىق سەنئىتى جەھەتتە كولۇسسېئوم سېرك مەيدانى، پانتېئون (تەڭرىلەر ئىبادەتخانىسى) ۋە كۆپلىگەن تىياتىرخانا، سۇ يوللىرى، كۆۋرۈك، زەپەر دەرۋازىسى، خاتىرە تۈۋرۈكى قاتارلىقلار بار؛تارىخشۇناسلىق جەھەتتە كائېسار، لىۋىي، تاسىت ۋە پولىبىي، ئاپپىئان (كېىنكى ئىككىسى يۇنانلىق) لارنىڭ ئەسەرلىرى بار؛ پەسلەپە جەھەتتە لوكرېتسىيىنىڭ ماتېرىيالىزمنى سىستسېرون، سېنېكا، مارك ئاۋرېلىيلارنىڭ ئىدېئالىزمنى بار؛ ئىلىم - پەن جەھەتتە چوڭ پلىنىينىڭ تەبىئىي بايلىقلار خاتىرىسى بار، مۇنازىرە ماھارىتى جەھەتتە ئاكا - ئۇكا گراككو، سىسترونلارنىڭ نۇتۇقلىرى بار؛ شۇنىڭدەك قانۇن، سىياسىي تۈزۈملەردىن مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن رىم قانۇنلىرى قاتارلىقلار بار. مىلادى Ⅰ ئەسىردە خرىستىئان دىنى باش كۆتۈرۈپ، Ⅱ - Ⅲ ئەسىرلەردە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان ھەمدە خرىستىئان دىنىي مەدەنىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن رىم قۇللۇق تۈزۈم جەمئىيىتى كرىزىسكە يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتىمۇ تەدرىجىي خارابلاشقان. قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بولۇپمۇ بىنكارلىقى، قانۇنشۇناسلىقى ۋە لاتىن تىلى كېيىنكى دەۋردىكى غەرب ئەللىرىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.