Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىمدىكى سېرك مەيدانى
دۇنيا تارىخى
يەنى كولوسسېئۇم سېرك مەيدانى. كولوسسېئۇم لاتىنچە <كاتتا (بىنا)> دېگەن مەنىدە بولۇپ، رىمدىكى يۇمىلاق چوڭ تىياتىرخانا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە، تەخمىنەن مىلادى 70 - 82-يىللىرى ئارىلىقىدا ياسالغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پادىشاھ ۋىسپاسئان بىلەن تىتوس يەھۇدىي ئۇرۇشىدا قازانغان غەلىبىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ياساتقان بولۇپ، ئۇزۇلۇقى تەخمىنەن 188 مېتىر، كەڭلىكى 156 مېتىر، تاشقى تېمىنىڭ ئېگىزلىكى 48.5 مېتىر كېلىدۇ؛ ئۈچ قەۋىتىدە ئەگەم پېشايۋان بار. ھەربىر قەۋىتىدە 80 ئەگمە، تۆت ئەتراپىدا كۆرۈش سۇپىسى، تىياتىرخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سەھنە بار. دائىرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 524 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ئىش بىجىرىدىغان، نەرسە - كېرەكلەرنى ساقلايدىغان، ھايۋانلارنى سولايدىغان ۋە گىلادىئانۇرلار تۇرىدىغان يەر ئاستى ئۆيلىرى بار. رىم قۇلدارلىرى دائىم نەچچە مىڭلىغان گىلادىئاتۇرلارنى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن بۇ جايدا ئېلىشىپ قان تۆكۈشكە مەجبۇر قىلىپ، تاماشا كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەھنىگە سۇ قۇيۇپ كۆل قىلىپ، <دېڭىز ئۇرۇشى> غا دائىر ماھارەتلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن، <جەڭ كېمىلىرى> نى ھەركەتلەندۈرىدىغان مەخسۇس كرانلار ئورنىتىلغانىكەن. تىياتىرخانىغا 45 مىڭ (يەنە بىر ئېيتىىشىچە 80 مىڭ) تاماشىبىن سىغىدۇ. خاتىرىلىنىشىچە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئېلىشىش پائالىيىتى مىلادى 440-يىلى ئۆكتۈزۈلگەن. كېيىن يەر تەۋەرەش ۋە چاقماق سوقۇشقا ئۇچراپ، پەيدىنپەي ئىشلىتىلمىگەن، ھازىر ئۇنىڭ خارابىسى ساقلانماقتا.