Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىم كالېندارى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىم كالېندارى ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان <مىلادى كالېندارى> (گرېگورى كالېندارى) نىڭ بىۋاسىتە مەنبەسى، بۇ كالېندارنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) نۇما كالېندارى. رىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كالېندارى قەرمەرىيە ئېيىنى ئاساس قىلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كالېندارى بىر يىل 10 ئايغا بۆلۈنۈپ، جەمئىي 430 كۈن قىلىنغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 713 يىل ئىلگرىكى، <پادىشاھلىق دەۋر> نىڭ ئىككىنچى پادىشاھى نۇما پومپىلىي تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، قەدىمكى يۇنان كالېندارى (شەمسىيە كالېندارى) دىن پايدىلىنىپ كالېندار تۈزۈپ، بىر يىلنى 12-ئاي قىلىشنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 3، 5، 8-ئايلارنى 31 كۈن قىلىشنى، 2، 4، 6، 7، 9، 10، 11-ئايلارنى 29 كۈن قىلىشنى 12-ئاينى 28 كۈن (ياكى 27 كۈن) قىلىشنى بەلگىلىگەن. پۈتۈن يىل 355 كۈن (ياكى 354 كۈن) قىلىنغان بولۇپ، قۇياش يىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن 10 (ياكى 11) كۈن پەرقلىنىدۇ. پەرق چوڭ بولغانلىقتىن، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش قولايلىق بولمىغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە تەرتىپكە سېلىنغان (ھەر تۆت يىل ئىچىدە ئىككى كەبىسە ئاي كۆپەيتىلگەن)، كاھېنلار دائىم بۇ ئىشنى باشقۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇ كالېندارنى قۇياش يىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن يېقىنلاشتۇرغان. نۇما كالېندارى قۇياش كالېندارىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن نامۇۋاپىق بەلگىلىمە، ۋاقىتلىق تەرتىپكە سېلىش ھەمىدە ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (2) يۇلىي كالېندارى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رىم ھۆكۈمرانى كائېسار ئىسكەندرىيە ئاسترونومى سوسىگېننى رىم كالېندارىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ چىقىشقا تەكلىپ قىلغان. سوسىگېن رىمنىڭ كالېندارچىلىق ئەنئەنىسىنى تاشلاپ قويۇپ، قەدىمكى مىسىرنىڭ قۇياش كالېندارى (365 كۈن) نى ئاساس قىلىپ، قۇياش يىلىنىڭ دەۋر قىلىشى بويىچە تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقارغان: ئادەتتىكى يىلنى 365 كۈن، ھەر تۆت يىلغا بىر كەبىسە يىلنى قوشۇپ 366 كۈن قىلغان. يەنى 1، 3، 5، 7، 9، 11-ئايلارنى 31 كۈندىن، 4، 6، 8، 10، 12-ئايلارنى 30 كۈندىن، 2-ئاينى ئادەتتىكى يىلدا 29 كۈن، كەبىەس يىلىدا 30 كۈن قىلغان. كائېسارنىڭ فامىلىسى يۇلىي بولغاچقا <يۇلىي كالېنارى> دەپ ئاتالغان. كائېسار 7-ئايدا تۇغۇلغان، 7-ئاي ئۇنىڭ فامىلىسى بىلەن <ئىيۇل> دەپ ئاتالغان. <يۇلىي كالېندارى> شەمسىيە كالېندارىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا قياش يىلىغا قارىغاندا 11 مىنۇت 14 سېكۇنت پەرق مەۋجۇت (ⅩⅥ ئەسىردە يەنە بىر قېتىم مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن). يۇلىي كالېندارى مىلادىدىن 46 يىل ئىلگخرى ئېلان قىلىنىپ، مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ، مىلادىدىن 45 يىل ئىلگىركى رەسمىي يولغا قويۇلغان. كائېسارنىڭ ۋارىسى ئوكتاۋىئان (ئوكتاۋىئان ئاۋگۇست) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ئېيى 8-ئاي بولغاچقا 8-ئايغا <ئاۋغۇست> دەپ نام بېرىلگەن؛ رىملىقلار تاق ساننى خەيرلىك دەپ ئادەتلەنگەچكە، 2-ئايدىن بىر كۈننى كېمەيتىپ ئۇنى 8-ئايغا قوشۇپ، 8-ئاينى چوڭ ئايغا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 9، 11-ئايلاردىن بىر كۈننى كېمەيتىپ ئۇلارنى كىچىك ئاي قىلغان، 10، 12-ئايلارنى چوڭ ئاي قىلغان. نەتىجىدە 1، 3، 5، 7، 8، 10، 12-ئايلار 31 كۈندىن، 4، 6، 9، 11-ئايلار ـ3 كۈندىن 2-ئاي ئادەتتىكى يىلدا 28 كۈن، كەبىسە يىلى 29 كۈن بولغان. بۇ لاكېندار (بەزىدە <ئاۋگۇست كالېندارى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن كېيىنكى دەۋردىكى مىلادىيە كالېندارىنىڭ رەت تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ، لېكن ھەرقايسى ئايلارنىڭ كۈن سانى تەكشى ئەمەس، تەرتىپسىز، ئىشلىتىشمۇ ئانچە قولايلىق ئەمەس، بۇنى كىشىلەر ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئاستورنومىيە جەھەتتە ئاساسى يوق.